كۆپ مىللەتلىك كەنتنىڭ پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەر بىر ئۆمۈر پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، بىر ئۆمۈر خەلق ئۈچۈن ئىشلەيمەن، دېدى

(100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش — «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر)

2021.07.12 13:44 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتت: شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتىدە، مەمەتجان ئۆمەر (ئوتتۇرىدا) بىر ئائىلە كىشىلىرى پاراڭلىشىۋاتىدۇ (6-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇلۇكەي كەنتى شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرىغا جايلاشقان، 6000 دىن ئارتۇق ئاھالىسى بار بولۇپ قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت ئاممىسى بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. مەمەتجان ئۆمەر بۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۇ بۇ يەرنى چوڭقۇر سۆيىدۇ، 1974-يىلى پارتىيەگە كىرگەن مەمەتجان ئۆمەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 نەچچە يىل كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى.

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى، 69 ياشلىق مەمەتجان ئۆمەر پايتەختتىكى خەلق سارىيىنىڭ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە، پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان «1-ئىيۇل ئوردېنى»نى تاقىدى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش

  [«ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى»]

  1981-يىلى، مۇھەممەتجان ئۆمەر يۇرتداشلار تەرىپىدىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، بۇ كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ تايانچىسىغا ئايلاندى. شۇ چاغدىن باشلاپ، ئۇ كەنتتىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئادىل ئىش قىلىپ، كىشىلەرنى قايىل قىلدى. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «بۇلۇكەي كەنتىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئائىلىمىز ئىناق بولغاندىلا، تۇرمۇشىمىز ئاندىن ياخشىلىنىدۇ.»

  ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇلۇكەي كەنتىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ئىناق ئۆتتى. كەنتتىكى چوڭلار ھەمكارلىشىپ باقمىچىلىق ۋە باغ-ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇلاندى، بالىلار ھەمراھ بولۇپ مەكتەپكە باردى، بىللە ئوينىدى، ھېيت-بايراملاردا كەنت ئاھالىلىرى جەم بولۇپ، بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن كەنت 2012-يىلى مەبلەغ چىقىرىپ، بالىلار باغچىسى قۇردى. بۇ يەردە ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان 200 نەچچە بالا بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى. يەسلى باشلىقى لېي نا مۇنداق دېدى: «بالىلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپلا قول تۇتۇشتى، چوڭ بولغاندا قەلبداش بولىدۇ.»

  [پېنسىيىگە چىقىپمۇ ئىش ئورنىدىن چېكىنمەي، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى داۋاملىق يەتكۈزۈش]

  «1-ئىيۇل ئوردېنى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەمەتجان ئۆمەر كەنتكە قايتىپ كېلىپلا، يۇرتداشلار بىلەن مۇكاپاتلىنىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تەقەززا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزنىڭ بۇلۇكەي كەنتىنىڭ خىزمىتىگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، شۇنداقلا پۈتۈن كەنتتىكىلەرگە بولغان غەمخورلۇقى، بىز چوقۇم ياخشى تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە قولغا كەلگەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.»

  47 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ باشتىن-ئاخىر ئەڭ دەسلەپكى قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ