مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.6 بال يەر تەۋرەپ، قۇتقۇزۇش كۈچلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ باردى

2021.07.09 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى سائەت 21 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ يېزىسى ئەتراپىدا 4.6 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى 5 گىرادۇس بولۇپ، بوزدۆڭ يېزىسى ئەتراپىدا روشەن تەۋرەش سېزىمى بولمىدى.

  شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش باش ئەترىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ھەمدە يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، ۋاقتىنچە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش دېگەندەك ئەھۋاللارغا ئائىت مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان. قوشنا ناھىيە ۋە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىلاشقاندىن كېيىنمۇ، ۋاقتىنچە ئالاقىدار ئەھۋاللارغا ئائىت مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان. ئونسۇ ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ـ قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئالدىن يۈرەر ئەترەتلىرىدىن بىرنى، ئىككى ئاپتوموبىل ۋە ئون ئادەمنى نەق مەيدانغا ئەۋەتتى.

  يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى، ئاقسۇ چوڭ ئەترىتىمۇ دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يەتتە ئاپتوموبىلدىكى 56 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ، 270 يۈرۈش قۇتقۇزۇش جابدۇقىنى ئىشقا سېلىپ، ھەرىكەتكە كېلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ