مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايوننىڭ 2021- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى باشلىنىدۇ، 8- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە

2021.07.08 13:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايوننىڭ 2021- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى باشلىنىدۇ، 8- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  تولۇق كۇرسقا ئالدىن قوبۇل قىلىش، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈر (ئەسلىدىكى نامراتلىق مەخسۇس تۈرى)، جەنۇبىي شىنجاڭ يەككە تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىدىكى تولۇق كۇرس 1 ـ تۈركۈم، ئالىي مەكتەپ مەخسۇس تۈر پىلان تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1 ـ تۈركۈم، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈر (ئەسلىدىكى نامراتلىق مەخسۇس تۈرى)، جەنۇبىي شىنجاڭ يەككە تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىدىكى تولۇق كۇرس 2 ـ تۈركۈم، تولۇق كۇرس 2 ـ تۈركۈم، ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)ئالدىن تۈركۈم، ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى قاتارلىق سەككىز تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە جەمئىي بەش قېتىم ئارزۇ توپلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «ئۈچ خىل مەكتەپنى ئالىي كەسپىي مەكتەپكە ئۆستۈرۈش» تۈركۈم سانى بىلەن ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)نى مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلىش بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە داۋاملىق باشقا جايدا يىراق مۇساپىلىك توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، باشقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەكلى مەۋجۇت ئەمەس. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكىنى، ئىغۋا تارقاتماسلىقىنى، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنى ياخشى ساقلىشىنى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەركىزىي ھەر كۈنى قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى قەرەللىك يېڭىلايدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش» سىستېمىسىغا كىرىپ، ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزىنىڭ ئۆزگەرتكەن مەخپىي نومۇرىنى كۆرۈپ، قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  ئەگەر ئوقۇغۇچى مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتا مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئارزۇ تولدۇرۇش» سىستېمىسىغا كىرىپ ئۆز ئالدىغا مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  ھەرقايسى تۈركۈملەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقىت جەدۋىلىنى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ