مەن بىر كىيىم-كېچەك كەشتە زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەن سېپى ئۆزىدىن دېھقان ئىدىم، ئۆيدە يەر تېرىيدىغان، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولۇپ، ئىزچىل مۇقىم خىزمەت تېپىشنى ئويلايتتىم.
2019-يىلى، دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، مەن بىر كىيىم-كېچەك كەشتە زاۋۇتىدا ئىشلىدىم. بىزنىڭ خىزمىتىمىز پاختىلىق كىيىم-كېچەككە كەشتە تىكىش ھەمدە تىكىش ماشىنىسى بىلەن تاماملاش ئىدى. يېڭى ئىشقا چىققاندا، مەن كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئىشلىتىشنى بىلمەيتتىم، خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، مەن ئاستا-ئاستا كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالدىم. ھازىر مېنىڭ ماھارىتىم ئۆستى، ھۈنىرىم تېخىمۇ پىشىپ، لاياقەتلىك كەشتىچى بولۇپ قالدىم. مەن زاۋۇتتا ناھايىتى ئازادە ئىشلەيمەن، بىر ئايدا 2500 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىمەن، مەن بۇ خىزمەتنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ھازىر، مەن ئۆينىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ بۇرۇنقىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلدىم.
شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىمەن. كېۋەز بىزنىڭ قەلبىمىزدە پاك، مۇقەددەستۇر، بىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ قارا چاپلىشىغا ۋە ھاقارەتلىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز!
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ