مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاختا مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى

2021.07.08 10:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خوتەن ناھىيەسىدىكى كىيىم - كېچەك دۇكىنىنىڭ ئىگىسى مۇنەۋۋەر ئېزىز

  دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىشتىن ئىلگىرى، مەن پەسىل خاراكتېرلىك پاختا يىغىش ئىشچىسى ئىدىم. ھەر يىلى پاختا ئېچىلغان پەسىلدە، مەن ھەمىشە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پاختا تېرەتتىم. ئۇدا ئۈچ يىل پاختا تېرىش ئارقىلىق ئاز - تولا پۇل غەملىدىم. كېيىن مەن كەنت ئېغىزىدا بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئاچتىم، ئاساسلىقى پاختا توقۇلما كىيىم - كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندىم، ھازىر ئايدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 6000 يۈەن كىرىم قىلىمەن. بۇ بىرقانچە يىلدا مەن يەنە دۇكان كۆلىمىنى كېڭەيتتىم، يىللىق كىرىمىم ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپەيدى، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم. مەن پاختا بىلەن تەقدىرداش، ئىلگىرى پاختا تەرگۈچى ئىدىم، ھازىر كىيىم - كېچەك دۇكىنىنىڭ ئىگىسى بولدۇم، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پاختا مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى.

  پاختا مېنىڭ قەلبىمدە مۇقەددەس، مەن ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. ئۇلارنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى پەقەت بىزنى بىزار قىلىدۇ، خالاس، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ