مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

2021.07.08 10:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بىر يىلدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتتى

  چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر يىلدىن بۇيان باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، ئەسلەپ ئۆتۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى جاۋاب خەتنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە يېتەكلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى سىجىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاجايىپ مۇساپىسىدىن ئېتىقادنى ئۇرغۇتۇشى، ئىلھام ئېلىشى، كۈچ قوبۇل قىلىشى كېرەك. توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئالىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقىرى بىلىمى بىلەن ئۇستاز بولىدىغان، ئېسىل ئەخلاقى بىلەن ئۈلگە بولىدىغان «بۈيۈك ئۇستاز»لارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداش سۆز قىلدى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاتارلىق تۆت ئالىي مەكتەپتىكى مەسئۇل يولداش، ئىككى نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋەكىلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ