مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىڭتۇەن 7 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2021.07.08 10:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  يىغىنغا بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ۋاڭ جۈنجېڭ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن پېڭ جيارۇي يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى قەتئىي، كەسكىن ئادا قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مەۋقە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پەيتكە ۋە «ئىككى 100 يىل» تارىخىي كېسىشكەن ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە قويۇلۇپ، شانلىق تارىخ قايتا ئەسلەنگەن، پارلاق كەلگۈسى پىلانلانغان بولۇپ، ئۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللەپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى قەتئىي، كەسكىن ئادا قىلىش كېرەك؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كونا نەتىجىلەرگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزمەي، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ