مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ پىچان ناھىيىسىدە تېمپىراتۇرا داۋاملىق يۇقىرى بولماقتا، قىسمەن جايلاردا تېمپىراتۇرا 47 دىن ئېشىپ كېتىشى مۈمكىن ئىكەن

2021.07.07 12:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قانچە كۈندىن بۇيان، پىچان ناھىيىسىدە ئۇدا يۇقىرى تېمپىراتۇرالىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تاغنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن يېزا-بازارلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 47 دىن يۇقىرى بولغان.

  پىچان ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمىنىڭ سىجىل تەسىرىدە، بۇ نۆۋەتلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى، تەسىر دائىرىسى كەڭ بولۇپ. 4-چېسلا يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى رەسمىي ئېلان قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرى يەتكۈزۈلدى.

  پىچان ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتچىسى خۇاڭ يەنفېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى 7ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، تاغنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم يېزا ـ بازارلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى يەنىلا 40 تىن يۇقىرى بولىدۇ، تاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 43 تىن يۇقىرى بولىدۇ، شىمالدىكى تېيىز تاغلىق رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 35 تىن يۇقىرى بولىدۇ. 5-چېسلادىن 8-چېسلاغىچە، تاغنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن يېزا-بازارلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 47 دىن يۇقىرى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ