خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار بەش كىشىلىك ۋاسكېتبول ۋە ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول تۈرىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ تىيانشان مۇقەددەس بۇغىسى ئاياللار ۋاسكېتبول كۇلۇبىدىكى خەن شۈ، ۋاڭ سىيۈ قاتارلىقلار بەش كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول دۆلەت كوماندىسىغا، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىلى ئۈچ كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللاندى.
خەن شۈنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.07 مېتىر، ئوينايدىغان ئورنى ئىچكى لىنىيە، يۆتكىلىشى چاققان، مەيلى كەسپىي جەھەتتە بولسۇن ۋەياكى پىسخىك جەھەتتە بولسۇن، يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە، گارغا توپ ئېتىش ماھارىتى قالتىس. شىجياجۇاڭدا تۇغۇلغان خەن شۈ2011 ـ يىلى چىڭخۇا شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ھەم مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتناشقان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتناشقان.
ۋاڭ سىيۈنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىر بولۇپ، ئارقا مۇداپىئەچى بولغان، تېز ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ماھىر، يىراقتىن تېز ھۇجۇم قىلغان. 2018-يىلىدىن بېرى، ۋاڭ سىيۈ دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇقىم كېيىنكى مەيدان توپچىسى. ئۇ شەندۇڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق يادرولۇق ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2019 ـ يىلى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلغان.
ۋاڭ لىلىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.70 مېتىر، قارشىلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى قەيسەر، تېخنىكىسى ئەتراپلىق، قاتتىق جەڭ قىلىشقا ماھىر، ئارقا مۇداپىئەچى، نومۇر ئالغۇچى ئارقا مۇداپىئەچى ۋە كىچىك ھۇجۇمچىلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. 2015 ـ يىلى، ئۇ شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلۇپ، تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىلا چولپانلار سېپىگە كىرگەن، كوماندىمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.
توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 27-ئىيۇل باشلىنىدۇ، جۇڭگو كوماندىسى بىلەن پوئېرتورىكو، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە كوماندىلىرى بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، ئاۋسترالىيە كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-بولغان بولۇپ، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2018 ـ يىللىق ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 6 ـ بولغان، 2020 ـ يىلى 2 ـ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە، دۇنيا بويىچە 3ـ ئورۇندا تۇرىدىغان ئىسپانىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلغان. جۇڭگو ئۈچ كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2019 ـ يىللىق دۇنيا ئاياللار ۋاسكېتبول ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، شۇنداقلا توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان قىزىق نۇقتىلىق كوماندا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى