مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەرمان ئىمزالىدى

قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتى مەلۇم قىسىم ئالاھىدە جەڭ 1- ئوتتۇرا ئەترىتىگە شەرەپلىك نام بەردى

2021.07.06 12:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پەرمان ئىمزالاپ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتى مەلۇم قىسىم ئالاھىدە جەڭ 1- ئوتتۇرا ئەترىتىگە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شەمشەر ئوتتۇرا ئەترىتى» دەپ شەرەپلىك نام بەردى.

  پەرماندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار بۇ ئوتتۇرا ئەترەتتىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، جەڭ ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەشىق ئارقىلىق جەڭگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا جەڭگە چىقالايدىغان ۋە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دۈشمەنگە قارشى شەمشەرۋاز بولۇشتەك باتۇرانە ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ خاس ئىنقىلابىي روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەڭگىۋار ئىرادىنى چېنىقتۇرۇپ، جەڭگىۋار پەزىلەتنى تاۋلاپ، سىناق ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ جاسارىتىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى شۇلارنى چاقىرىق قىلدىكى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى قاتارلىقلاردا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ