مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شۈ گۈيشياڭ: جۇڭگو شىنجاڭ ھەرقانداق جازادىن قورقمايدۇ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ

2021.07.06 12:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 5- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت مەھكىمىسىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق دېگەندىن پايدىلىنىپ جۇڭگودىكى ئالاقىدار زاتلار ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنى جازالىشى»غا قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن رايونى، شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن ـ ئاخىر ئوچۇق. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلدى، لېكىن، ئۇلار قەستەن ئالدىن ھەل قىلىش شەرتى بېكىتىپ، تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئەپلەپ ـ سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتتى، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ قېلىشتىن، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ پاكىت ئالدىدا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقتى.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ ئەزەلدىن جازادىن قورقۇپ قالمايدۇ، بارلىق جازالار قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىكتۇر. جۇڭگودا «ئوت ئوينىغۇچىلار جەزمەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ.» دەيدىغان گەپ بار، جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى بارلىق كۈچلەرگە، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى، زومىگەرلىك قىلمىشى ۋە لۈكچەكلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي ۋە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ