مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شۈ گۈيشياڭ: ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسى دېگەننى كۆپتۈرۈش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسقانلىق

2021.07.06 12:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسى دېگەننى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلدى، شىنجاڭنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى نەزەرىيىسى»، «مىللەتنى باستۇرۇش نەزەرىيىسى»، «بايلىقتىن مەھرۇم قىلىش نەزەرىيىسى»، «مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نەزەرىيىسى»، «مەجبۇرىي ئەمگەك قىلدۇرۇش نەزەرىيىسى»، «دىنغا زىيانكەشلىك قىلىش نەزەرىيىسى»، «ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئايرىۋېتىش نەزەرىيىسى»، «ئىرقىي يوقىتىش نەزەرىيىسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلىپ، شىنجاڭغا كىشىلىك ھوقۇق ھۇجۇمى قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ھەدەپ بۇلغىدى. ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ بولسىمۇ، ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسى دېگەننى ۋاسىتە قىلىپ،ھەم ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش»نى نىقاب قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئوقۇتقۇچى»لىق سالاھىيىتىنى ھىمايە قىلىپ، زور كۈچ بىلەن سىياسىي ماقالە يېزىپ، چوڭ زومىگەرلىكنى يولغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە مۇداخىلە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان، جەمئىيەت داۋالغۇپ تۇرىدىغان، خەلق تۇرمۇشتا دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ