مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

2021.07.05 11:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ

  ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

  (2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى)

  بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل. 100 يىل داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنى ئازاب ـ ئوقۇبەت ئىچىدىن ئويغىنىپ، خەۋپ ـ خەتەر ئىچىدە جاسارەتكە تولۇشقا يېتەكلەپ، سەمىمىي ساپ قەلبى بىلەن جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا، بېيىشقا، قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلەپ، 100 يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 100 يىللىق شانلىق نەتىجە، 100 يىللىق كۈرەشنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن تارتىپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغىچە، كەڭ كۆلەمدىكى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقىچە بوران ـ چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، مەردانە قەدەم بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىگە كىردى. شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىشلەر قىزغىن، جانلىق تارىخىي ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇشى بولمايتتى.

  بوران ـ چاپقۇنغا باش ئەگمىگەن 100 يىللىق مۇساپە، ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىگەن جۇڭگو ئارزۇسى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش پارلاق يولىدا جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىناق تەرەققىي قىلىش دەۋر يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ نامايان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى پۈتتى.

  ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرىدۇ، ئالىيجاناب ئىشلار ئۈلگىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى داۋاملىق يارىتىشتىكى قەتئىي ئىرادە بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرغان زور بىر تۈركۈم باتۇر، قورقماس قەھرىمان شەخسلەر، ئائىلە دۆلەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان زور بىر تۈركۈم دەۋر نەمۇنىچىلىرى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور بىر تۈركۈم ئاۋانگارت ـ نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلدى. ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يې ۋېيپىڭ قاتارلىق 294 يولداشقا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىشنى، رەشىدەم ئابدۇغېنى قاتارلىق 200 يولداشقا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دەپ نام بېرىشنى، تېكەس ناھىيەسى كۆكسۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى قاتارلىق 300 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ نام بېرىشنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاڭ جۈن قاتارلىق تۆت يولداشقا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش، يۈكسەك مەنزىلنى ساقلاش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىلغار تىپلار. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە يۈكسەك روھى پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى ۋە قىممەت ئىنتىلىشىنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى قەتئىي ئېتىقادىنى ۋە يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىدىغان بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى مەركەزلىك ئىپادىلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى نەمۇنە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي خىسلىتىنى تاۋلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدىن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ۋە ماھىر بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، سىياسىي ئىرادىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىش، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تارىخ ۋە خەلق يۈكلىگەن يۈكسەك بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق كېلەچەككە قاراپ ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ رەڭدار كۈرەش تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ