مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى سەۋىيەدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2021.07.05 11:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ 2021 - يىلى «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونلار بىرلىشىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

  يۇقىرى سەۋىيەدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ 2021 - يىلى «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونلار بىرلىشىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ بىرلىشىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا بولىدۇكى، بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ، دېگەن بۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۆۋەن چېكى ۋە قاتتىق تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ياخشى جايلارنىڭ داۋاملىق مۇستەھكەملىشى، يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتا قەرزى كۆپ جايلارنىڭ خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، تېز يېتىشىۋېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا ۋە خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى تولۇق، ئېنىق تونۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، مەسىلە يۆنىلىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش، ئاخىرغىچە تۇتۇش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، جىپسىلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جاۋابكارلىققا تارتىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈزەكى تۈزىتىش، ئەپلەپ - سەپلەپ تۈزىتىش ھەم «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ