خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:
2021-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
7- ئاينىڭ 20- كۈنى (سەيشەنبە)، 21- كۈنى (چارشەنبە)، 22- كۈنى (پەيشەنبە) ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.جايلار، تارماقلار نۆۋەتچىلىك-دىجۈرنىلىك قىلىش خىزمىتىنى تەلەپ بويىچە ئورۇنداپ ۋە بىخەتەرلىك، يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەگەر زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرسە، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىشىنى بىخەتەر، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ