مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلغارلارنى ئۇلۇغلايمىز ئەخلاقلىق، تالانتلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىمىز بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز مەڭگۈ كۈرەش قىلىمىز

2021.07.02 14:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش ۋە مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى رىغبەتلەندۈردى −

  ئىلغارلارنى ئۇلۇغلايمىز ئەخلاقلىق، تالانتلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىمىز بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز مەڭگۈ كۈرەش قىلىمىز

  «1 - ئىيۇل»نىڭ ئالدىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى، مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لارنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنجاڭلىق مەمەتجان ئۆمەر، ۋېي دېيوۋ شەرەپ بىلەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشتى، يەنە باشقا 19 شەخس، 11 كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار» بولۇپ تەقدىرلەندى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كۆردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆزى كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىلغارلارنى ئۇلۇغلاپ، ئەخلاقلىق، تالانتلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، تۆھپىكار نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

  «قەلبتە ئېتىقاد بولسىلا، جىسمىمىز كۈچكە تولىدۇ.» مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋەكىلى، كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لېي يۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەتئىي تەۋرەنمەس غايە - ئېتىقادى، پۇختا، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئېسىل ئىستىلى بىلەن، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچى، ئىجادىيەت كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. بىز شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىمىز، قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى قەلبىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز».

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3 - شى قاغىلىق 2 - چارۋىچىلىق مەيدانى 3 - ليەنى چەت، يىراق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايغا جايلاشقان. ليۇ چيەندۇڭ 3 - ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جىداۋيۈەنى بولغاندىن كېيىن، چارۋىچىلىق ۋاسىتىچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. شەرەپ بىلەن مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ، شان - شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەت. مەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت ئورنۇمدا يەنە يېڭى تۆھپە قوشىمەن».

  «<1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەر ۋە مەملىكەت بويىچە <ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار> بولۇپ تەقدىرلەنگەن ئوبيېكتلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ جىسمىدا نامايان بولغان ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ كادىرى خۇاڭ يۆ مۇنداق دېدى: «ياش پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىم قىلىپ، پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن».

  گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ھاسار كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتىكى ھەممە ئائىلە ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ھەربىر ئائىلىدە بىردىن ئارتۇق كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتيۈسۈپ مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى قانچىكى ئۇلۇغ ئىش شۇنچە خىرىسقا تولغان بولىدۇ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بىز <قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش>تەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى ساقلاپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ھاسار كەنتىنى قۇرۇپ چىقىمىز».

  «مەكتەپ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بازا، بىز چوقۇم شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە پارتىيە تارىخى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى يېڭى كۈچ قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز» دېدى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى تاجىگۈل مەمەت.

  (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇ لۇپىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، جاڭ جىلى، شيې خۇيبيەن، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ، ليۇ يى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ