مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى مىسىر مەخسۇس مەيدانى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2021.07.02 13:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇش، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، دىن سىياسىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان، تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شەرق - غەربنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم يول، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىشىنى، ھەقىقىي شىنجاڭنى نەق مەيدانغا كېلىپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لياۋ لىچياڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «يالغان - ياۋىداق سۆزلەر زەھەرلىك دورا، ھەقىقىي ئەھۋال زەھەر قايتۇرۇش دورىسى»، يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تەدبىرى ئەسەبىزم ۋە تېررورىزمنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئاشۇ كىشىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە، ئىنسانىي ئەخلاق - ھەققانىيلىق ۋە ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ قارشى تەرىپىدە، مەدەنىيلىكنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىلگىرىلىشىنى ھەرقانداق كىشى يوققا چىقىرالمايدۇ، جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى. شىنجاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن كەلگەن دىنىي زاتلار، تەلىم - تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن خادىملار، ئاز سانلىق مىللەت ئاياللار، پاختىكارلار ۋەكىللىرى يىراق مۇساپىلىك سىن ئۇلىنىشى شەكلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ «ئىرقىي يوقىتىشنى يولغا قويدى» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى» «مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي چاقتى» قاتارلىق يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنى پاش قىلدى، تەنقىدلىدى.

  مىسىرنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، ئاقىللار ئامبىرىدىكى ئالىملار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىق 50 نەچچە كىشى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ھەممىگە ئايان، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارىتا كەلسە - كەلمەس بىلجىرلىماسلىقى كېرەك، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى تېخىمۇ يوق.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ