مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«<مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش> − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش شىنجاڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» باشلاندى

2021.07.02 13:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، «<مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش> − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش شىنجاڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  تيەن ۋېن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوننىڭ «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش شىنجاڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى پىلانلاپ ئۆتكۈزۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك مەسئۇل بولغانلىقى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى دادىل زىممىسىگە ئالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كۆرگەزمىدە پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى شانلىق مۇساپىسى جانلىق، بىۋاسىتە نامايان قىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە ئېسىل ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم بازا بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ كۆرگەزمە «مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش» «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش» «بۈيۈك يېڭىلىقلارنى يارىتىش» «يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، مۇزېيدا ساقلانغان جەمئىي 105 گۇرۇپپا ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھەمدە سۈرەت، تارىخىي ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈش قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش نادىر كۆرگەزمە»نى تونۇشتۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ