مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاختا بىزگە بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى

2021.07.02 13:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى پاختا تەرگۈچى مەنزورەم يۈسۈپ

  مەن ئىلگىرى پاختا تەرگۈچى بولغان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر دەۋاتقان ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم، ئاڭلاپ باقمىدىم، باشتىن كەچۈرۈپمۇ باقمىدىم. 2012 - يىلى، دوستۇمدىن قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدا پاختا تېرىپ يۇقىرى كىرىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مەندە پاختا تېرىش ئويى پەيدا بولدى. ئېرىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مەن دوستۇم بىلەن بىللە باردىم. 50 كۈنگە يېقىن ۋاقىتتا، مەن ھەر كۈنى ماھىر پاختا تەرگۈچىلەرگە ئەگىشىپ پاختا تېرىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەر يىلى پاختا تەرگىلى بارىدىغان بولدۇم، بۇ كىرىم ئائىلىمىزنىڭ «كىچىك خەزىنىسى»گە ئايلاندى.

  مەن بۇ خىل «پەسىل قۇشى»دەك پۇل تېپىش ئۇسۇلىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇلتۇر، بۇ يىللاردا پاختا تېرىپ تاپقان پۇلغا دوستۇمدىن قەرز ئالغان پۇلنى قوشۇپ، ئائىلىمىز بىر كىچىك ئاشخانا ئاچتۇق. مەن ئەتكەن تاماق تەملىك، ئاشخانىمىز پاكىز بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى ئاشخانىمىزغا كېلىپ تاماق يەيدىغان بولدى، ئاشخانىنىڭ كىرىمى بارا - بارا كۆپەيدى، ھازىر ئايلىق كىرىمىم 8000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. سودىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  ئەمگەك قىلىپ ھەق ئېلىش، بۇ ئەڭ ئەقەللىي داۋلى. پاختا تېرىشكە ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن بارغان تۇرساق، قانداقلارچە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بولۇپ قالىدۇ؟ مەن ھەرقانداق كىشىنىڭ شىنجاڭ پاختىسىغا تۆھمەت قىلىشىغا يول قويمايمەن، ھەرقانداق كىشىنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلىشىغا تېخىمۇ يول قويمايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ