مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2021.07.02 13:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 126 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 126 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى، يېزا - كەنتلەرنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى»نى ياخشى تۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلام، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا - كەنتلەرنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرىنىڭ بىرى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تەبىئىي بايلىقنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، كەنت قىياپىتىنى سىستېمىلىق تۈزەپ، يېشىل تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقنى قوغداش ۋە تېجەپ پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك مۇھىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، يۇقۇملۇق كېسەل ۋە سوزۇلما كېسەللەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ساپاسى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك. مەدەنىي، ساغلام بولغان، يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ