مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​باشتىن - ئاخىر قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

2021.07.02 13:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 31 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى​

  باشتىن - ئاخىر قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك​

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 31 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، يارقىن ئاساسىي رەڭنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىل رەڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رەڭ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەپ، قەتئىي تۈردە كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇش كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ھەقىقەت كۈچىنى ھېس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بۇ مۇھىم ئىدىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ روھى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر لاياقەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئىرادىدىن قايتماي تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. قەھرىمانلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، قىزىل بايلىقلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلمىي قوغداشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارىخنى توغرا ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، پارتىيە ھېكايىسى، ئىنقىلاب ھېكايىسى، قەھرىمانلار ھېكايىسىنى جانلىق، تەسىرلىك سۆزلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنىڭ كەڭ تارقىلىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئۇرغۇتۇلغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ۋە كۈندىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. بىخەتەرلىكنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، ياڭ چېڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ