مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭنىڭ قىزىل مەنزىرە رايونى خەرىتىسى» ھەقسىز سوۋغا قىلىنماقتا!

2021.07.02 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى «قىزىل ئەسلىمە» باش تېمىسىدىكى «شىنجاڭنىڭ قىزىل مەنزىرە رايونى خەرىتىسى»نى تۈزۈپ چىقتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «شىنجاڭنىڭ قىزىل ساياھەت خەرىتىسى»نىڭ ئۆلچىمى كىچىك پۈتۇن لىستىلىق (100cm×75cm) بولۇپ، پۈتۈن رەڭلىك رېزىنكە بەت بېسىلغان ۋە يوپۇق يېپىلغان، ئالدى يۈزى ۋە ئارقا يۈزىدە ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىزىل ساياھەت خەرىتىسى بېسىلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مەمۇرىي رايونلىرىدىكى مەملىكەتلىك قىزىل ساياھەت كىلاسسىك مەنزىرە رايونلىرى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىلىرىدىن يۈزگە يېقىن جاي كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە،20 نۇقتىلىق قىزىل ساياھەت رايونى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈرەش قىلغان ئىنقىلابىي ئىش-ئىزلىرى، مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە خاتىرە جايلار كۆرگەزمە قىلىنغان.

  خەرىتىدىكى تۈرلۈك بەلگىلەر پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قىزىل ساياھەت يەر بەلگىسىنىڭ جايلىشىشىنى بىۋاسىتە نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا شىنجاڭنىڭ قىزىل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنىڭ ئازادلىق، تەرەققىيات، قۇرۇلۇشىدىكى شانلىق مۇساپىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش، پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.نۆۋەتتە بۇ خەرىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئارقا ـ ئارقىدىن ھەقسىز سوۋغا قىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ