مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلانماقتا

2021.07.01 14:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەززىلىك تائام مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەتچىلىك فۇنكسىيەسىنىڭ ئىككىلىسىنى تەڭ ھازىرلىغان نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى، پەن - تېخنىكا تۇيغۇسى تولۇق بولغان ئوبراز كۆرگەزمە زالى، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىق سېخى... 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شاڭخەيدىكى باش كونسۇلخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

  ھازىر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، قاشتېشى بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى، مىللىي چالغۇلار قاتارلىق تۈرلۈك قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكانلىرى ھەمدە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش نۇقتىلىرىغا خېرىدارلار تولۇپ كەتكەنىدى، پىيادىلەر كوچىسىدىكى سەھنىدە ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بولۇپ، كەيپىيات ئىنتايىن خۇشال ئىدى. بىر ناۋايخانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قەدىمىنى توختىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇن يېمەكلىكى − ناننىڭ تەييارلىنىش جەريانىنى كۆردى ھەم نان يېقىش ھۈنىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ھېس قىلدى.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئىمارەتلەر، مىللىي ئۆرپ - ئادەت، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىقلار نامايان قىلغان سېھرىي كۈچ يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئاندىرى ئاندىرىيېۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىمدە مەن شىنجاڭدىكى ئاددىي ئاممىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەندىم، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلدىم.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ئەنئەنىۋى پۇرىقى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە كۈچلۈك زامانىۋى تۇيغۇ بەردى. پەن - تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە كەلگۈسى تۇيغۇسىغا ئىگە ئىمارەتلەر، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئالدىراش قاتناۋاتقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.

  ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى كۆرگەزمە سارىيى، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئوبراز كۆرگەزمە زالىنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، تىجارەت ئەھۋالى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن قوشنا بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئوبرازىنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى بارغانسېرى ئۆستۈرۈۋېتىپتۇ.

  «مەن ئۈرۈمچىنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم.» سېربىيەنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى دېجان مارىنكوۋىچ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يەنە بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ يەنە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.

  تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ماڭغاچ كۆرۈپ، قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسى، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، قۇراشتۇرۇلۇش جەريانى ھەم كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. نىگېرىيەنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئوگۇ ئوكىما بۇ كارخانىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يۈكسەك ماختىدى ھەم كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ئىلغار پاختا يىغىش، تايلاش ماشىنىسىغا ئىنتايىن قىزىقتى.

  «ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايون.» ئوگۇ ئوكىما مۇنداق دېدى: تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ماس كېلىدىغان بىر قىسىم پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ شىركەتنىڭ ئافرىقا بازىرىغا قارىتا كىچىك تىپتىكى، تېجەشلىك پاختا يىغىش ماشىنىسى لايىھەلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوگۇ ئوكىما ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولدى.

  ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر تۇرپان شەھىرى ئوۋبەي ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى شىركىتىگە كەلگەندە، بۇ شىركەتتىكى رىياسەتچى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە مال سېتىۋاتقان بولۇپ، تورداشلارغا قوغۇن، قۇرۇق ئۈزۈم، نان قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى تەۋسىيە قىلىۋاتاتتى. ئۇرۇگۋاينىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى لېئوناردو ئولىۋېرانىڭ بالىلىقى قوزغىلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە «ئۈسۈپ» كىرىپ، رىياسەتچىنىڭ قىياپىتىنى دوراپ قولىدىكى قۇرۇق ئۈزۈمنى قىزغىن تونۇشتۇردى.

  «بۇ بىر ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى شىركىتى ئىكەن.» لېئوناردو ئولىۋېرا مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپتۇ، بۇ، شەھەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، مەن شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقىنى تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايمەن.

  بەش كۈن جەريانىدا، ئۇرۇگۋاي، سېربىيە، فىجى، كۇبا، ئېفىيوپىيە، بېلارۇسىيە، چىلى، دومىنىكا، مالايسىيا، نىگېرىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شاڭخەيدىكى باش كونسۇلخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى، ھەممەيلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ھەيران قېلىشتى، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ