مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نەمۇنىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2021.07.01 14:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقاتتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەقدىرلەنگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن يېڭى مۇساپىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

  غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئالىيجاناب روھنى جارى قىلدۇرىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈن تەقدىرلەنگەن <1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەر دەل ھەرقايسى سەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر. ئۇلارنىڭ جىسمىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھى جانلىق نامايان بولدى».

  «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ يۇرتى غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسىنىڭ بۇلۇكەي كەنتىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما كەنتتىكى كىچىك مەيداندا «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمىنى بىرلىكتە كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەمەتجان ئۆمەرگە «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى بەرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  «پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى مەمەتجان پارتىيەگە كىرگەن 48 يىلدىن بۇيان، پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇپ، پايدا - مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشماي، قەلبىگە بارلىق كەنت ئاھالىسىنى پۈكتى.» بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سايىبەم مىرزەخمەت مۇنداق دېدى: «مەن پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسىنى ئۈلگە قىلىپ مەڭگۈ پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قەتئىي بوشاشماي ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، يېڭى يېزىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمەن».

  ۋېي دېيوۋ شەرەپ بىلەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. «<1 - ئىيۇل ئوردېنى> پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ، يېنىمىزدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى ۋېي دېيوۋنىڭ بۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشكەنلىكى، بىزنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى.» بىڭتۇەن 9 - شى دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى ۋۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايان بولغان ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك - دۇرۇس بولۇشتەك ئىسىل پەزىلەت ۋە ئالىيجاناب روھ بارلىق تېببىي خىزمەتچىلەرنى ئېتىقادى، ئەقىدىسى، ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ھەر ۋاقىت ئاۋاز قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  «ئېغىر ئوردېن، ئەڭ يۈكسەك شان - شەرەپ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىكى ياش پارتىيە ئەزاسى شۈشياڭ بەييۆ تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى، «ئوردېنغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايان بولغان ئالىيجاناب روھ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دەۋر كۈچى. بىز ياش پارتىيە ئەزالىرى ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ بوشاشماي، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك».

  قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىمىز

  «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان ئاددىي قەھرىمانلار. ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەنگىلى، ئۆرنەك قىلغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئىنتىلگىلى، يەتكىلى بولىدۇ.

  غۇلجا شەھەرلىك 23 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ چياڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى جاڭ گۇيمېينىڭ ئىش ئىزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. «جاڭ گۇيمېي كېسەل ھالەتتىمۇ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، تاغلىق رايوندىكى 1800دىن ئارتۇق نامرات قىزنىڭ داشۆ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.» گاۋ چياڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىپ، ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلىشىمىز، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  «ئوردېنغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى يېنىمىزدىكى سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئۆگىنىشكە بولىدىغان ئۈلگىلەر ئىكەن.» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتىدىكى چېگرا مۇھاپىزەتچىسى مەفتۇل كەنجە ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن ۋېي دېيوۋغا ئوخشاش ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ياخشى قوغدايمەن».

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىنى يىغىلىپ كۆردى. تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى شەھىدە ئەنۋەر مۇنداق دېدى: بىز ئاددىي قەھرىمانلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  «<1 - ئىيۇل ئوردېنى>نى تارقىتىش مۇراسىمى بىز ئۈچۈن بىر مەيدان جانلىق ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە دەرسى بولدى.» پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى لۈكچۈن خەلق سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى ئۇرايىم ئىسمايىل مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز نەپسىمدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلايمەن».

  ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز

  «باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ ئومۇرتقىسى بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى جەزمەن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىلمىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى راخمان كىۋىر مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەكتىپىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى (پۈتۈن شۆيۈەن) پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن».

  باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئىپارگۈل ئادىل ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەدە ئىلغارلارنى قەدىرلەيدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.

  قانچە ئۇلۇغ ئىش بولسا شۇنچە خىرىسقا تولغان بولىدۇ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىشقا شۇنچە توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى يۇقىرى دۆڭئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى يەن دۇڭ مۇنداق دېدى: بىز «خەۋپ - خەتەر قانچە كۈچەيگەنسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» قەھرىمانلىق جاسارىتىمىزنى ساقلاپ، «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى دۇنيا يارىتىش»تەك كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئاممنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جى گۇيلىن مۇنداق دېدى: «<1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى پېشقەدەم يولداشلار. بىز بۇنىڭدىن كېيىن پېشقەدەم يولداشلارغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا پېشقەدەم يولداشلاردىن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كەڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىش داۋامىدا، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان قىلىشىمىز كېرەك».

  «باش شۇجىنىڭ سۆزى مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتتى.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى چوڭ بازار تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇاڭچىڭ كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يىمىن مۇنداق دېدى: «مەن مەھەللە كادىرلىرىنى يېتەكلەپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ <مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن> دېگەن ھېسسىياتىنى شەرھلەيمەن».

  (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جەزىرە نېسىپبېك، ۋاڭ نا، مېھرىگۈل غوپۇر، خەن چىنيەن، شى شىن، جاۋ شىيا، فەن چيۇڭيەن، لى لىن، يۈ شى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ