مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021.05.19 11:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى​

  دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تەجرىبە - ئۇسۇللارنى ئالماشتۇردى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا پارتىيە تارىخىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى قەتئىي ئىرادە بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماسلىقتەك مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشكە ياشلىق باھارى ۋە كۈچىنى قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىسى ئاساسىي بازىسىغا سىڭدۈرۈپ، داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچىغا سىڭدۈرۈپ، «تولۇق خادىملىق ئادەم تەربىيەلەش، پۈتۈن مۇساپىلىك ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش» يېڭى ئەندىزىسىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان شەكىللەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «تۆت تارىخ» ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تور سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدە شەكىلنىڭ جانلىق بولۇشىغا، ئۇسۇلنىڭ يېڭى بولۇشىغا، رەڭدارلىقنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ جانلىق، تەسىرلىك بولۇشىغا، چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ