مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​تارىختىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جۇشقۇن روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك

2021.05.19 11:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، مەدەنىيەت - ساياھەت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش قاتارلىق سىستېمىلاردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى

  ​تارىختىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جۇشقۇن روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك

  5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، مەدەنىيەت - ساياھەت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش قاتارلىق مەسئۇل سىستېمىلاردىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  ئەركىن تۇنىياز «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش» «پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئاساسلىق ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش» «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش» قاتارلىق جەھەتلەردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىدەك 100 يىللىق تارىخىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىختىن تەجرىبە، ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر مەڭگۈ ئەستە ساقلاش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى ۋە بارلىققا كەلگەن غايەت زور نەتىجە ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش؛ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جۇشقۇن روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ