مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 127- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2021.05.14 13:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​25- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى ئېچىشنى قارار قىلدى

  5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 127 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - قېتىملىق يىغىنىنى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - يىغىنىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى)» «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىلمە لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» «ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيە نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى)» قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىلمە لايىھە)» قاتارلىق تەكلىپلەر قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسىدە ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى(لاھىيە)» توغرىسىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاش، تۈزىتىشكە سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چارۋا - قۇش سويۇش ۋە گۆش ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى> <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمىسى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» توغرىسىدىكى تەكلىپلەر تەكشۈرۈلىدۇ؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېقىلغۇ گازنى باشقۇرۇش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نوقۇت كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا پۇقرالار ئارىسىدا 7 - بەش يىللىق قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ <7 - بەش يىللىق> قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قارارى» دېيىلىدۇ)نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ <7 - بەش يىللىق> قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قارارى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ