مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز «مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەن، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونى» قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ

2021.05.14 13:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​«14- بەش يىل» مەزگىلىدە، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن بەشنى، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 20نى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ

  ما يىنىڭنىڭ 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېچىلغان 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ باغچە رايونى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ «مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەن، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونى» قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن بەشنى، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 20نى تىرىشىپ يېتىلدۈرىدۇ ۋە بەرپا قىلىدۇ.

  «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، باغچە رايون تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 2025 - يىلىغا بارغاندا، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن بەشنى، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 20نى تىرىشىپ يېتىلدۈرىدۇ ۋە بەرپا قىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ باغچە رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، باغچە رايونلىرىنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىدۇ؛ بىر تۈركۈم دۆلەت ئىچىدىكى رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدە تەسىرگە ئىگە بولغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى خاس باغچە رايوندىن نەچچىنى قۇرۇپ چىقىپ، باغچە رايونلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي زامانىۋىلاشتۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ»نى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بىر تۈركۈم تەرەققىيات بوشلۇقى چوڭ، باغچە رايونىدا ماكانلاشقان كارخانىلار كۆپ، كەسىپ خاسلىقى روشەن بولغان باغچە رايونلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى يۆلەيدۇ. ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، شىخەنزە ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ۋۇجياچۈ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن بەشنى ۋە ئارا تۈرۈك سانائەت باغچە رايونى، كورلا ئۇنىۋېرسال كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 20نى نۇقتىلىق يېتىشتۈرىدۇ.

  «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يەنە باغچە رايونلىرىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شەرقىي رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭغا تەرتىپلىك ھالدا پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپلەر رايون ھالقىپ يۆتكىلىش پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭدا رايون ھالقىپ «رايون ھالقىغان باغچە رايون» «ئورتاق قۇرىدىغان باغچە رايون» قۇرۇشىنى قوللايدۇ. رايون ئورنى ئۆزئارا قوشنا، يېقىن، كەسىپلەرنىڭ باغلىنىشى بىر خىل كەسىپلەر باغچە رايونلىرىنىڭ بوشلۇقلارنى بىرىكتۈرۈشى، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈشى ۋە كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈشىنى قوللاپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ بازار ئېھتىياجى بىلەن ئورگانىك بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ جەمئىي ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى باغچە رايونىدىن 91نى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 23ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 68ى بار. شىنجاڭ ھازىر 23 باغچە رايونىدا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 20 باغچە رايونىدا «رايون ھالقىغان باغچە رايون» «ئورتاق قۇرىدىغان باغچە رايون»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ