مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5- نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىسى 60 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2021.05.14 13:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 5 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يىپەك يولى كۆرگەزمىسى دېيىلىدۇ)گە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەم نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، شۇ كۈنى ئىچكى بىرلەشمە ھەمكارلىق تۈرىدىن جەمئىي 56نى ئىمزالىغان، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 64 مىليارد 211 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە قارىغاندا %174.43 ئاشقان.

  بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى داڭلىق، ئەلا، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، باغ - ئورمانچىلىق، يېڭى ماتېرىيال، نانچىلىق كەسپى قاتارلىق 31 كارخانىنى نۇقتىلىق تاللاپ كۆرگەزمە قىلدى، نامايان قىلدى.

  شۇ كۈندىكى تونۇشتۇرۇش يىغىنى توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تارباغاتاي دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىقلار نەق مەيداندا مەخسۇس تېمىلىق تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالىغان تۈرلەر مەدەنىيەت - ساياھەت، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون جابدۇقلىرى، يېنىك سانائەت، ئۆي - زېمىن، خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى، توقۇمىچىلىق قاتارلىق 17 ساھەگە چېتىلىدۇ. بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئىچىدە، پۇقراۋى كارخانىلار ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان پۇقرالار سېلىنمىسى تۈرىدىن 50ى بار، كېلىشىم سوممىسى 57 مىليارد 737 مىليون يۈەن بولۇپ، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %89.92ىنى ئىگىلەيدۇ؛ كېلىشىم ئىمزالانغان سېلىنما سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن 46سى بار بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 63 مىليارد 867 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈردىن 17سى بار، كېلىشىم سوممىسى 53 مىليارد 905 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %83.95ىنى ئىگىلەيدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق، شىنجاڭ كارخانىلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانا بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ