مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دوستلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بىللە پاختا تېرىشنى خالايدۇ

بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىدىن پاختا تەرگۈچى غېنى قاسىم

2021.05.10 19:41 مەنبە: خەلق تورى

  مېنىڭ ئىسمىم غېنى قاسىم، خېجىڭ ناھىيەسىدىن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل پاختا تېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدىم. يېقىندا، مەن توردا H&M، نايك قاتارلىق بەزى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىش» باياناتىنى ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ ھەقىقەتەن نومۇسسىزلىق! پاختا تەرگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىغانلىقىم»نى، ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن پاختا تەرگەنلىكىمنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن.

  ياش ۋاقتىمدا، مەن دائىم كورلا شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا بېرىپ پاختا تېرىيتتىم، ئۇ چاغدا ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ شىنجاڭغا كېلىپ بىز بىلەن بىللە پاختا تېرىيتتى، كۆپچىلىك بىللە ئەمگەك قىلىپ، ناھايىتى قىزىپ كېتەتتى. مەن يىل بويى سىرتتا پاختا تېرىيدىغان بولغاچقا، ئەتراپتىكى پاختىكارلار، كېۋەزلىكلەر ۋە پاختىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ناھايىتى چۈشىنىمەن، شۇڭا كەنتتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بىللە ئىشلەپ، مەن بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى خالايدۇ.

  ھازىر ماشىنا بىلەن كېۋەز تېرىش، پاختا تېرىش تەدرىجىي ئومۇملاشتى، پاختا تەرگۈچىلەرگە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئازايدى، شۇنىڭ بىلەن مەن تەپەككۇرۇمنى ئۆزگەرتىپ، كېۋەزنىڭ يۇمران مايسا مەزگىلىدە، ئوت ئوتاش مەزگىلىدە پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىشنى سىناپ بېقىشقا باشلىدىم، كېيىنكى قەدەمدە كېۋەز تېرىش يېڭى تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، يەر باشقۇرۇش ئىشچىسى بولۇپ، كىرىمنى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.

  بۇ يەردە، مەن شىنجاڭ پاختىسىنى چەكلەيدىغان چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىز پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن پاختا تېرىيدىغان، ساتىدىغان، پىششىقلاپ ئىشلەيدىغانلار، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن گەپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ