مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ پاختىسىغا يۇندا چاچماڭلار

ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى ئاھالىسى كەنجەم ئابلاخان

2021.05.08 20:32 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، H&M شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىدە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ تۆھمەت قىلغانلىقى، يەنە شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك ئاچچىقىم كەلدى، مەن شىنجاڭدا 57 يىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، نۇرغۇن كېۋەز ئېتىزلىرىنى كۆردۈم، نۇرغۇن پاختا تەرگۈچىلەر بىلەن تونۇشتۇم، ھەتتا ئوغلۇممۇ پاختا تەرگىلى بارغان، بىز نەدە «مەجبۇرىي ئەمگەك» قىلىپتىمىز؟ بۇ كارخانىلار شىنجاڭغا قالايمىقان ھۇجۇم قىلىپ، ھامان بىر كۈنى جازاغا ئۇچرايدۇ.

  ھەر يىلى ئەتىيازدا، بىز بورتالا قاتارلىق جايلارغا پاختا تەرگىلى بارىمىز، ھەر قېتىم تېرىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ھەميېنى تومپىيىپ كېتىدۇ، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىدۇ. نەچچە يىل ئىلگىرى ئوغلۇم يۇرتدىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سىرتقا پاختا تەرگىلى چىقىپ كەتكەن. پاختىكارلار ئۇلارغا ھەقسىز ياتاق، تاماق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرى ھەر كۈنى 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە پۇل تاپالايتتى، ئىككى ئايلىق پاختا تېرىش پەسلىدە جەمئىي 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايتتى، ئىشداشلىرى ماڭا: «ئەگەر كېۋەزنى تېرىپ بولمىغان بولساق، ئوغلىڭىزنىڭ قايتىپ كەلگۈسى يوق ئىدى!» دېگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى تىرىشىپ ئىشلەپ، پۇل تېپىشنىڭ پايدىسىنى كۆردى، ھەر يىلى كۈزدە پاختا تەرگىلى بارىدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا ئۆزى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدۇ، تاپقان پۇلى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى!

  راستىنى ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ پاختىسى دۇنياغا داڭلىق، سۈپىتى ئەڭ ياخشى، مەھسۇلات مىقدارىمۇ يۇقىرى، بىر نەچچە چەت ئەل شىركىتى شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى ئىشلەتمىگەنگە بىز قورقمايمىز. لېكىن بىز شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرقانداق كىشىنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا پاسكىنا سۇ چېچىشىغا، ھەرقانداق كىشىنىڭ بىزنىڭ ئەمگەك مېۋىمىزگە قارا چاپلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. بىز پاختىنىڭ بىزگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا جاپالىق ئەمگەك قىلغاندىلا، كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ