مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بالامنىڭ بۇنچە ياخشى ئەسلىگە كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن»

2021.05.08 13:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا ئۈزۈلگەن بىلەك قايتا ئۇلانغان 5 - كۈنى، سېغىنىپ كۈتكەن ئانىسى كۆز ئالدىدا پەيدا بولغاندا، پەقەت دورا يەڭگۈشلىگەندىلا ئاندا - ساندا ئىڭراپ قويىدىغان شياۋ مەي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ھاياجانلانغانلىقىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

  4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 20 ئەتراپىدا، خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىدە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئېتىزدا ياڭاق دەرەخلىرىگە دورا چېچىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا، يەتتە ياشلىق شياۋ مەينىڭ ئوڭ بىلىكىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن تىراكتورنىڭ تاسمىلىق چاقى تولغاپ ئۈزۈۋەتتى. شياۋ مەينىڭ ئۈزۈلگەن بىلىكىنى كۆرگەن ئاپىسى سۇدىممە ئىمىنتوختى شۇ ھامان ھالسىزلىنىپ جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. «مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، دەرھال بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بار!» سۇدىممە بار كۈچى بىلەن شياۋ مەينىڭ تاغىسىغا قاراپ توۋلىدى. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ماسلىشى بىلەن، 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، شياۋ مەي شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلدى، ئۈزۈلگەن بىلەك ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا ئۇلىنىپ، قان تومۇرلار تۇتاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى مۇقىملاشتى.

  5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، سۇدىممەنىڭ سالامەتلىكى ئازراق ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ئانا - بالا ئىككىسى كۆرۈشكەن شۇ دەمدە، يۈزلىرىنى يېقىشىپ ئۇزاققىچە يىغلاشتى. كەيپىياتى ئاستا - ئاستا تىنچلانغاندىن كېيىن، شياۋ مەي بىر تەرەپتىن قولى بىلەن ئانىسىنىڭ چېچىنى تۈزەشتۈرسە، بىر تەرەپتىن تەسەللى بەردى: «ئانا، يىغلىماڭ، قاراڭ، بىلىكىم ئاستا - ئاستا ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى دوختۇر تاغىلار ۋە سېسترا ھەدىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن».

  سۇدىممە ئاغرىپ يېتىپ قالغان ئاشۇ بىرنەچچە كۈندە، شياۋ مەي بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندىن باشقا، ھەر كۈنى دوختۇر - سېسترالارنىڭ شياۋ مەينى قۇتقۇزۇپ داۋالىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇردى: دوختۇرلار 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ دىجورنىلىق قىلدى، سېسترالار ئۈچ ئىسمېنا ئالمىشىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، كۆپلىگەن پەن مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىشىپ شياۋ مەينىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىياگنوز قويدى... ئۇ بۇلارنى كۆرۈپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى. «بۈگۈن بالامنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، كۆڭلۈم تېخىمۇ تىندى، بالامنىڭ بۇنچە ياخشى ئەسلىگە كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن».

  شۇ كۈنى كېسەلخانىدا بىر سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، سائەت 23 ئەتراپىدا، سۇدىممە ئەمدىلا ئوپېراتسىيەنى تۈگەتكەن مەسئۇل دوختۇر لى لىنى كۆردى. ئۇ دەرھال ئالدىغا بېرىپ، بىر خالتا قۇرۇق مېۋىنى لى لىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، «رەھمەت! بالامنى قۇتقۇزۇۋالغىنىڭلارغا رەھمەت!» دېدى. ئۇ بۇ قۇرۇق مېۋىلەرنى ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەنىدى. ئالماشتۇرىدىغان ئىككى قۇر كىيىم ۋە شياۋ مەيگە بېرىدىغان بىر بولاق كەمپۈتتىن باشقا، ئىككى چوڭ سومكىغا داۋالاش خادىملىرىغا ئېلىپ كەلگەن قۇرۇق مېۋىلەر لىق قاچىلانغانىدى.

  لى لىنى كۆرۈپ، شياۋ مەي يەنە تاتلىق كۈلۈمسىرىدى. ئۇ سول قولىنى سوزۇپ، لى لىغا باش بارمىقىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىغا ئالقىنى بىلەن ئۇرۇپ كۆرۈشتى، بۇ ئۇنىڭ لى لى بىلەن دېيىشىۋالغان مەدەت بېرىش شەكلى ئىدى.

  «بۇ سېسترا ئاچام ئاقلاپ بەرگەن ئالما، بۇ دوختۇر تاغام سوۋغا قىلغان كىچىك ئايروپىلان...» دېدى شياۋ مەي ئاپىسىغا بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مېنىڭ گەپ ئاڭلىغانلىقىمنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، دوختۇر تاغام يەنە ماڭا كاۋاپ ئېلىپ بەردى.» كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسىگە قاراپ، سۇدىممەنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرى ئاستا - ئاستا ئېچىلىپ، توختىماي «رەھمەت» دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ