مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2021.05.08 12:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 6- ماي كۈنى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر ئاياللار ۋەكىللىرى، تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر، مەسچىت ئىماملىرى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغۇچىلار دېگەندەك كىشىلەر ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، توردا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى توغرا ئىدارە قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزگەنلىكى، شىنجاڭ پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى. شىنجاڭ ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇردى. شىنجاڭدا پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجى قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى. شىنجاڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى ئادەتتىكى جامائەت مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ