بىلىكى ئۈزۈلگەن بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلاندى ئۆزلۈكىدىن «ئىككى زىخ كاۋاپ ئەكېلىپ بېرىش»نى تەلەپ قىلدى

2021.05.07 11:27 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 10دا، مەسئۇل دوختۇر لى لىنىڭ ياتاق تەكشۈرگىلى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شياۋ مەي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، لى لىغا قاراپ ئەركىلىدى. مېڭىش ئالدىدا، لى لى ئېڭىشىپ شياۋ مەي بىلەن شاپىلاق ئۇرۇشتۇرۇپ «كىچىك دوست، بۈگۈنمۇ غەيرەت قىلىڭ!» دەپ رىغبەتلەندۈردى.

  4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 20 ئەتراپىدا، خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىدىكى يەتتە ياشلىق ئوغۇل بالا شياۋ مەينىڭ قولى ئېھتىياتسىزلىقتىن تىراكتورنىڭ تاسمىلىق چاقىغا كىرىپ كېتىپ، پۈتۈن ئوڭ بىلىكى ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئوپېراتسىيەنى ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تاماملاش زۆرۈر بولۇپ، ئەھۋال جىددىي ئىدى، ئۇ پەقەت ئەڭ بالدۇرقى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىر مەيدان ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ كۈچ ئۇلاپ قۇتقۇزۇش قانات يايدۇرۇلدى. شىنجاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشىدا، ئوغۇل بالا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا جىددىي ئاپىرىلىپ بىلەك ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى قىلىندى، ئوپېراتسىيە تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

  قۇياش نۇرى دېرىزىدىن پاكىز، ئىللىق ھەم يورۇق كېسەلخانىغا چۈشۈپ تۇراتتى. مۇخبىرلار دېرىزىدىن شياۋ مەينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە سېسترالارنىڭ ھەمراھلىقىدا، روھىي ھالىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئوڭ بىلىكىگە تىرەك قويۇپ مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىنى، سول قولىدا پات-پات كارىۋات بېشى يېنىدىكى جۈزە رەڭلىك ئويۇنچۇق ئايروپىلاننى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى. «تۈنۈگۈن شياۋ مەي ئۆزلۈكىدىن كاۋاپ يەيدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىپ، بىراقلا ئىككى زىخ كاۋاپ يەۋەتتى.» شياۋ مەينىڭ تاغىسى ئابدۇمىجىت ئىمىن مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى كۈندە بالىمىز تاماق يېيەلەيدىغان، ئۇخلىيالايدىغان بولدى، تەرىتىمۇ خېلى راۋانلاشتى، بالىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەم خۇشال بولدۇق، ھەم مىننەتدار بولدۇق. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئەندىشە قىلىش، قورقۇشتىن خەتەردىن قۇتۇلۇشقىچە بولغان ئۆزگىرىش جەريانىنى ئەسلەپ، ئابدۇمىجىت ھاياجانلانغان ھالدا قايتا-قايتا: «خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن، بالىمىز بەك تەلەيلىك ئىكەن!» دېدى. شۇ كۈنى، شياۋ مەينىڭ بىلىكىنى ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغىنىغا دەل تۆت كۈن بولغانىدى، سائەت 9 ئەتراپىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، سۈرەت تەسۋىرى بۆلۈمى، ئوزۇقلۇق بۆلۈمى قاتارلىق 11 بۆلۈم-ئىشخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى شياۋ مەيگە كېيىنكى قەدەمدىكى داۋالاش لايىھەسى توغرىسىدا كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى. ئىگىلىنىشىچە، شياۋ مەي دوختۇرخانىغا كىرىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن ھازىرغىچە، مۇشۇنداق چوڭ-كىچىك بولۇپ ئون قېتىمدىن ئارتۇق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇلغان، دوختۇرخانا يەنە ئالاھىدە كۈتۈش كېسەلخانىسى ئاجرىتىپ، يېمەك-ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇش، يېتىپ-قوپۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەسپىي پەرۋىش كوللېكتىپىنى شياۋ مەينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

  «نۆۋەتتە، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن مۇقىم، لېكىن يەنىلا خەتەرلىك مەزگىلدىن پۈتۈنلەي ئۆتۈپ كەتكىنى يوق، يەنە داۋاملىق كۆزىتىشكە ئېھتىياجلىق.» لى لى مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە ئالامەتلەردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە بالىنىڭ بىلىكىدىكى قاننىڭ ئۇيۇش ئەھۋالى نورمال، تىرىسىنىڭ رەڭگى قىزىل، تېرە تېمپېراتۇرىسى نورمال، بىلىكىنىڭ ئىششىقىمۇ بارا-بارا يېنىۋاتىدۇ، لېكىن 5-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا ئۆتكۈنچى ئۆرلەش كۆرۈلدى، بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى. ئوزۇقلۇق بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، شياۋ مەينى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە تولۇقلاشنى ئاساس قىلىۋاتىمىز.

  «بۇ بىر ئالاھىدە ھەم ئەھمىيەتلىك ئەمگەكچىلەر بايرىمى بولدى، ئايروپىلان گۇرۇپپىسى خادىملىرىدىن دوختۇر، يولۇچىلارغىچە، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە كۈچ ئۇلاشنى بىرلىكتە تاماملاپ، بالا ئۈچۈن قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى ئالتۇن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز» دېدى لى لى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ