مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-شىسى قۇرۇمقاش شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى يەن جىشۈن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2021.04.20 21:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بىڭتۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا 14-شى قۇرۇمقاش شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى يەن جىشۈننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، يەن جىشۈن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن چەتنەپ، سىياسىي ئېڭى كەمچىل بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، كەم-كوتسىز بولغان؛ نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارىغان، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىستىلى ئېغىر بولغان، ئىمتىيازچىلىق قىلىپ، ئەمەلدارلىق ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغان؛ پارتىيەگە سادىق بولمىغان، سەمىمىي بولمىغان، تەشكىل خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە مەسىلىلەرنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن؛ قائىدە-يوسۇننى كۆزگە ئىلمىغان، ھېيىقىشنى بىلمىگەن، ئۆزىنى تارتمىغان، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى يوقىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇل-مال قۇبۇل قىلغان؛ مەخپىي ھۆججەتلەرنى قانۇنسىز كۆپەيتكەن، ساقلىغان.

  يەن جىشۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يەن جىشۈننىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلو مەلۇم قىلىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ بارلىق تاپاۋىتىنى تاپشۇرغانلىقى، خاتالىقىنى تونۇپ توۋا قىلىش پوزىتسىيەسى بىر قەدەر ياخشى بولغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، «ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئۇنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بىڭتۈەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، يەن جىشۈنگە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى.

  يەن جىشۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  يەن جىشۈن، ئەر، خەنزۇ، 1972-يىل 12-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ سۈيدې ناھىيەسىدىن، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1993-يىل 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1995-يىل 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، دوتسېنت ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

  1995-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 6-ئايغىچە تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش داشۆسى يېزا ئىگىلىك فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان؛

  1998-يىلى 6-ئايدىن 2001-يىلى 3-ئايغىچە تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش داشۆسى ئۆسۈملۈك پەنلەر شۆيۈەنى ئوقۇغۇچىلار 1-ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2001-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 9-ئايغىچە تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش داشۆسى يېزا ئىگىلىك تەجرىبە پونكىتىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 2003-يىلى 6-ئايدىن 2005-يىلى 7-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 5-تۈەنى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تۈەنجاڭى ۋەزىپىسىدە چېنىققان)؛

  2005-يىلى 9-ئايدىن 2010-يىلى 3-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 5-تۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تۈەنجاڭى بولغان؛

  2010-يىلى 3-ئايدىن 2011-يىلى 9-ئايغىچە، يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 1-تۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تۈەنجاڭى بولغان؛

  2011-يىلى 9-ئايدىن 2012-يىلى 9-ئايغىچە، يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 1-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭ بولغان (بىر يىل سىناق ئىشلىتىلگەن)؛

  2012-يىلى 9-ئايدىن 2012-يىلى 12-ئايغىچە، يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 1-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭ بولغان؛

  2012-يىلى 12-ئايدىن 2013-يىلى 9-ئايغىچە، 1-شى 1-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭ بولغان؛

  2013-يىلى 9-ئايدىن 2015-يىلى 11-ئايغىچە، 1-شى 1-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭ، جىنيىنچۈەن بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى بولغان؛

  2015-يىلى 11-ئايدىن 2017-يىلى 9-ئايغىچە، 1-شى 2-تۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى بولغان؛

  2017-يىلى 9-ئايدىن 2018-يىلى 8-ئايغىچە، 4-شىنىڭ باش ئاگرونومى بولغان؛

  2018-يىلى 8-ئايدىن 2018-يىلى 9-ئايغىچە، 14-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى بولغان؛

  2018-يىلى 9-ئايدىن 2021-يىلى 2-ئايغىچە، 14-شى قۇرۇمقاش شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى بولغان؛

  2021-يىلى 2-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

  (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ