مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قۇرۇلۇشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى

2021.04.20 12:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەن - مورى بۆلىكى ئاسفالت ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىرگەن، يول قۇرۇلۇشچىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ تىجارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ تۈرنىڭ باركۆل - مورى بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، بىر ئاسفالت ياتقۇزۇش ماشىنىسى يول ئۈستىدە ئاستا مېڭىپ ئاسفالت يېيىتتى، بىرنەچچە يول چىڭداش ماشىنىسى قايتا - قايتا چىڭدىدى، بىر بۆلەك تەكشى ئاسفالت يول دەرھال شەكىللەندى.

  «بۇ يىل ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، بىز قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىلاننى ئىنچىكە ئايرىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشنى چىڭىتتۇق ھەم خادىم، ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، تۈر سۈرئىتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، نۆۋەتتە، باركۆل - مورى بۆلىكىنىڭ يول يۈزىگە ئاسفالت ياتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ %70ى تاماملاندى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تاڭ خۇائەن.

  G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىدىكى پايتەختتىن چىقىدىغان 7 - لىنىيە، دۆلىتىمىزنىڭ 2 - يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان چوڭ يولى. ۋۇتۇڭ داچۇەن - مورى بۆلىكى بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرى» دەپ ئاتالغان، بۇ تۈردە 2017 - يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنغان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋۇتۇڭ داچۇەن - ئاراتۈرۈك، ئاراتۈرۈك - باركۆل، باركۆل - مورى بۆلىكىدىن ئىبارەت.

  تاڭ خۇائەن مۇنداق دېدى: ۋۇتۇڭ داچۇەن - ئاراتۈرۈك، ئاراتۈرۈك - باركۆل يولى يۈزىگە ئاسفالت ياتقۇزۇش تاماملاندى، باركۆل - مورى بۆلىكىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ. تۈردە پاراللېل قۇرۇلۇش قىلىش قوللىنىلدى، يەنى يولدا قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن يانداش ئەسلىھەلەر تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئەتراپىدا تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا، پۈتۈن لىنىيە قۇرۇلۇشى بىرلەشمە تەڭشەش، بىرلەشمە سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ، قەرەلىدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ