مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاش ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسۇماقچى بولغىنىغا ئوخشاش ئىش

2021.04.20 12:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 80 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم − «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا − جۇڭگو شىنجاڭدىكى تۇرمۇش خاتىرىسى»نى كۆرسىتىپ، پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق ئاتالمىش شىنجاڭدىكى «ئىرقىي يوقىتىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق پىتنە - ئىغۋا، يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن قىلچە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، ھەرقانداق بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاشنىڭ ھەممىسى ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسۇماقچى بولغىنىغا ئوخشاش ئىش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلغان ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تېخىمۇ توسۇيالمايدۇ.

  «بىز ھازىر ئۆزگەردۇق، ھەقىقەتەن ئۆزگەردۇق» «ھەربىر ياش تىرىشىۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ ۋە قەدىرلەۋاتىدۇ»... فىلىمدىكى ئاددىي كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، زامانىمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇرت - ماكانىنى قىزغىن سۆيۈش، ئارزۇغا ئىنتىلىش، كونا قاراشلاردىن قۇتۇلۇپ يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىش، ۋەتەن بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك قەلب مۇساپىسىنى بايان قىلىپ، كىشىلەرگە شىنجاڭدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى.

  ھازىرقى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى: ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق - تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئۈمىدى ۋە ئارزۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلار ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت تەدبىرلىرى كەڭ ئەمگەكچىلەرنى قىلىدىغان ئىشى بار بولۇش، تاپىدىغان پۇلى بار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەركەزدىكى تارماقلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى، يۆلىشى، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە بولغان سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشتىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، مىليون كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىش، دوستلىشىش، تۇغقانلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىغىچە، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلار قىلىندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن سىجىل بەھرىمەن بولدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىدىيەسىدە «مېنى ئۆزگەرتىدۇ»دىن «مەن ئۆزگىرىمەن» دەيدىغان چوڭقۇر بۇرۇلۇش بولدى.

  كۆز قاراش ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ماھارىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، كۈرەش قىلىش روھى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ يىتەرلىك بولدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دېگەن سۆز بارغانسېرى كۆپ شىنجاڭ پۇقرالىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى ئايرىم يامان غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، تەرەپ - تەرەپتە ئاتالمىش شىنجاڭ «جازا لاگېرى» تەسىس قىلدى، «كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش» ئېلىپ باردى، «ئىرقىي يوقىتىش»نى يولغا قويدى قاتارلىق ئۇچىغا چىققان بىمەنە پىتنە - ئىغۋا، يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى.

  جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، تەر تۆككەن، بۈگۈنكى ۋە ئىلگىرىكى تۇرمۇشنى سېلىشتۇرۇپ، چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولغان شىنجاڭ خەلقى بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايدۇ. پاكىت ئالدىدا، پىتنە - ئىغۋا، يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا بوھتان چاپلايدىغان، قارا چاپلايدىغان، شۇ جاينىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئاخىر دەۋر چاقى تەرىپىدىن كۇكۇم - تالقان قىلىنىدۇ.

  «شىنجاڭ ياخشى جاي»، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيىتى رەڭگارەڭ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق، بىللە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتمەكتە. شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشى چوڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلق رايىنىڭ يۈزلىنىشى، ۋەتەن بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ خەلقى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ