مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش تاماملاندى

2021.04.20 12:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش تاماملاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالتە كۈن داۋاملاشقان تەربىيەلەشتە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، «تۆت تارىخ» ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش مەزمۇنى تەسىس قىلىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، 12 مىڭدىن ئارتۇق ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرنىڭ بىرلىكتە دەرس ئوقۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار پارتىيەنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن ئىزدىنىش تارىخىدىن پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىگە بولغان سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخىدىن توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا بولغان ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، پارتىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىن تاۋلىنىش تارىخىدىن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، پارتىيەنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش تارىخىدىن پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكىگە بولغان ئەقلىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، يېڭى سەھىپە پۈتۈش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەربىيەلىنىش نەتىجىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەينەن ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش؛ كەڭ تەشۋىق قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش، قىزغىنلىقنى ئۇرغۇتۇش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش؛ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ