نۆۋەتتە بېرىلگەن لاياقەت گۇۋاھنامىسى 2 مىليون 80 مىڭ پارچىدىن ئاشتى
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز 93 ناھىيە(شەھەر، رايون)دىكى 4747 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سۇبيېكتى ھەم 6519 تارقاق ئائىلىلەرگە قارىتا يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى لاياقەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ، كۆكتات، مېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈرنى قاپلىغان، كۆپ ساندىكى يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى گۇۋاھنامە بىلەن بازارغا سېلىپ سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى لاياقەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىيدىغان، باقىدىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى، ئۆزىنى ئۆزى تىزگىنلىشى، تەكشۈرۈشى ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر، لاياقەتلىك بازارغا سېلىشقا ئۆزى ۋەدە قىلىدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىيدىغان، باقىدىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار سودىلاشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى لاياقەتلىك بازارغا سېلىش، گۇۋاھنامە بىلەن سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. لاياقەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىرىنى باشقۇرۇش، تېرىش، بېقىش جەريانىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ھايۋانات دورىلىرى قالدۇقلىرىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، مەھسۇلاتلارنى گۇۋاھنامە بىلەن بازارغا سېلىش، مەسىلىسى بار مەھسۇلاتلارنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى توپلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
2020 - يىلى، ئاپتونوم رايون يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى لاياقەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك - يېزا تارماقلىرى تەۋەلىك رايوندىكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك سۇبيېكتلارنىڭ سانىنى بىر - بىرلەپ بېكىتىپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش دائىرىسىدە بەلگىلەنگەن سۇبيېكتلارنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىغا قارىتا ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغان سۇبيېكتلارنىڭ تىزىملىكىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بېرىلگەن لاياقەت گۇۋاھنامىسى 2 مىليون 80 مىڭ پارچىدىن ئاشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا - بازارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش پونكىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى لاياقەت گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن ۋە كۆرسىتىلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا، %20 ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نىسبىتى بويىچە تېز تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، تاسقاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەشتە مەسىلە بايقالغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا دەرھال مۇئەييەن مىقدار بېكىتىپ تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇپ، لاياقەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى، مۇكەممەللەشتۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغان سۇبيېكتلارنى 1117 قېتىم كۈندىلىك سەييارە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، قوشۇمچە لاياقەت گۇۋاھنامىسى بار 6000دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە 50 مىڭ تۈركۈم، قېتىمدىن ئارتۇق قوشۇمچە لاياقەت گۇۋاھنامىسى بار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى تېز تەكشۈرۈش - ئۆلچەش خىزمىتى تاماملاندى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خادىملىرى، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش خادىملىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ھەم مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيەلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ماركا چاپلاپ بازارغا سېلىنىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرۇشتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان بىر تۈركۈم ناھىيە(شەھەر)لەرنى تاللاپ، يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «لاياقەت گۇۋاھنامىسى+ئىككىلىك كود» ئېلېكتىرونلۇق لاياقەت گۇۋاھنامىسى سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى لاياقەت گۇۋاھنامىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.