مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

1- پەسىلدە «بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش» پۈتۈن شىنجاڭدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى

2021.04.20 12:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىل 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز «بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش» بويىچە جەمئىي 8203 قېتىم ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىشنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، 2 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىلگەن.

  «بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش» باج تارماقلىرى بىلەن بانكا، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى 2015 - يىلىدىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىپ قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش پائالىيىتى. باج تارماقلىرى قانۇن بويىچە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان ۋە كارخانىلار ھوقۇق بەرگەن ئەھۋالدا، كارخانىلارنىڭ باج تاپشۇرۇش ئىناۋىتى ۋە قىسمەن باج تاپشۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى بانكىغا تاپشۇرىدۇ، بانكا بۇلارنى بۇ كارخانىلارنى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم پايدىلانما قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: باشقا ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، «بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش» ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ھازىر ھەممىسىنى توردا «بىر بېكەت شەكلى»دە بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ دەل جايىدا، قولايلىق ئۇدۇللاشتۇرۇلىدىغان بولدى. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ياخشى بولغان باج تاپشۇرۇش ئىناۋەت خاتىرىسىگە تايىنىپ، سىرتقا چىقمايلا توردا قەرز پۇل ئېلىش ئىلتىماسىنى تولدۇرۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا ئون مىنۇتتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 مىليون يۈەن قەرز پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  شىنجاڭ شىنشى پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پولات ماتېرىياللار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مېتال ماتېرىيال ساتىدىغان شىركەت بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، كارخانىنىڭ مەبلىغىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنىدى. «بۇلتۇر 9 - ئايدا، بىز ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى يوللىغان <بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش> ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، ئۈرۈمچى بانكىسىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بانكا شىركىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە كەسىپ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، بىزگە قار لەيلىسى·ياخشى باج قەرز پۇلى بېجىرىپ بېرىپ، ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى بېرىپ، شىركىتىمىزنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى» دېدى شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى شۈ فېڭ.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 - پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى جەمئىي 28 بانكىچىلىق - پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي 15 مىليارد 774 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ