مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

2021.04.16 14:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

  4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛ پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئاساسلىق ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش؛ ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلەش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار - سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنقىلاب روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  جاۋ چۇڭجيۇ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، قادىلبېك قامزا، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ