مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.04.15 14:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، دىققەتنى مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بەنزە خىزمىتى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى تولۇق ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقى قىلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ھەم مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، چوڭقۇر سىردىشىپ، سۆزلىشىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئالدى، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل يازدى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىدنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سۆز قىلدى، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك گەپ ئەگىتمەي، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈرمۇتۈر ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىنى تەھلىل قىلىپ، كەمچىلىكىنى ئېچىپ، ئەيىبىنى ئاشكارىلاشتا دادىل بولۇپ، بىر - بىرىنى تەنقىد قىلىپ، يۈزىنى قىزارتىپ تەرلىتىشكە جۈرئەت قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيۋىلىكى ۋە پىرىنسىپاللىقىنى نامايان قىلدى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، «ئىمتىھان قەغىزى» ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، ئۈلگە بولۇش، ياخشى ئۈلگە بولۇش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈزىتىشنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى تۈزىتىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ