مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلارنى كۆزىتىشنى ياخشى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2021.04.15 14:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلارنى كۆزىتىشنى ياخشى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى ۋە ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، بەنزە خىزمىتى ۋە شەخسنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىشنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلىدى. يىغىندىن ئىلگىرى، دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەستايىدىللىق بىلەن لايىھە تۈزدى، مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى، مۇھاكىمە قىلدى. ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇپپا ئەزالىرى دىققەتنى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، سىردىشىش، سۆھبەتلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى يېزىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقى قىلدى.

  يىغىندا، شەۋكەت ئىمىن دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىدنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ بىر - بىرلەپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈرمۇتۈر ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، كەسىپكە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەم پەرقلەرنى، يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم ياخشىلاش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يېتىپ، دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتتى.

  شەۋكەت ئىمىن خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى كۆزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى تۆۋەنگە باشلامچىلىق قىلىپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى قەلبكە پۈكۈش، زىممىگە ئېلىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئاخىرغىچە تۇتۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ