مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش، دەرھال تۈزىتىش، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.04.15 14:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش، دەرھال تۈزىتىش، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، دىققەتنى مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بەنزە خىزمىتى ۋە شەخسنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىشنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى يازدى.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى، تەنقىدنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن قانات يايدۇردى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ، گەپ ئەگىتمەي، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، ئىدىيەنى تونۇش جەھەتتە ئۆز - ئۆزىنى تەھلىل قىلىپ، بىر - بىرىنى تەنقىد قىلىپ، قىيىنىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، مەسىلىنى يوشۇرماي، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيۋىلىكى ۋە پىرىنسىپاللىقىنى نامايان قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈزىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، تەلتۆكۈس تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىش، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزىتىشنى فۇنكسىيە، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، قاتلاممۇقاتلام مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش جەھەتتە ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىنتىزام تەلىپىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىستېما قارىشىنى قوللىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى بىرلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ