مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك

2021.04.15 14:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش - تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك

  «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە قاراپ چىقىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش - تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپە ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى كەسىپ ھەمكارلىقى، بايلىق جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئەمگەك - مۇلازىمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازار ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەشكە، ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر ۋە ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات ئارقىلىق تەربىيەلەش - ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سىجىل، قەتئىي تۈردە تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، تۈزەپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، جارى قىلدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قويۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال بولغان مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشە، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش داۋامىدا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ بېرىشكە كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ياڭ چېڭ، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ