مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ شۆيۈەنى (پېداگوگىكا مەكتىپى): شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرمەكچىمۇ؟ بىز ھەرگىز قوشۇلمايمىز!

2021.04.14 19:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، BCI، H&M ۋە باشقا بەزى كىيىم-كېچەك ماركىلىرى پاختىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش» مەۋجۇت دەپ تۆھمەت قىلدى. بۇنداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، يامان غەرەزلىك ئەيىبلەشلەر بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا تولغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقى ۋە ئەخمەقلىقىنى ئاشكارىلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا قاتتىق ئازار بەردى، بۇ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  شىنجاڭدا كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە پاختا يىغىش ھەر مىللەت دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولۇپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. مەكتىپىمىزدە لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسىدىن كەلگەن ئىنتايىن تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچى بار. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر ئاتا-ئانىسى 50 نەچچە كۈن سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىپ، 25 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېپىپ، ئۈچ بالىسىغا يېڭى كىيىم ۋە ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بەرگەن، ئائىلىسىگە يېڭى تېلېۋىزور ئالغان، قوي قوتىنىنى رېمونت قىلدۇرغان، ئائىلىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال-خۇرام ئۆتكەن. ئاتا-ئانىسى ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئىشلەمچىلىك قىلغان جاي يەنە ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزىنىڭ ئىككى قولى ۋە ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەچكە، ناھايىتى خۇشال بولغان.

  بىز BCI، H&M ۋە باشقا بەزى كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە داۋاملىق ئۇچرىماي، يالغان خەۋەر توقۇشنى توختىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى بۇزۇشنى توختىتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىشنى توختىتىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا تەۋسىيە قىلىمىز. شىنجاڭنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ