مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەڭ كېۋەزلىكتە «پەرۋاز قىلماقتا»

2021.04.14 13:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  سىم يولىنى تەكشۈرۈش، ئاسان بۇزۇلىدىغان زاپچاسلارنى ئالماشتۇرۇش، پۈركۈش سىستېمىسىنى تازىلاش... 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، قاھار مامۇت ئۇستىسىنىڭ ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاسراپ بېرىۋاتقىنىغا قاراپ تۇراتتى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 7 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىش ئارقا - ئارقىدىن باشلانغاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى جياڭنەن سودا شەھەرچىسىنىڭ ئېلېكتىرو مېخانىكا رايونىدا، ھەر كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئاسراتقۇزغىلى كېلىدىغان خېرىدارلار بار ئىدى. قاھارنىڭ ئۇستىسى، ئاقسۇ تيېمەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۆسۈملۈك ئاسراش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى لياڭ داۋېينىڭ ئېيتىشىچە، 2020 - يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 1000دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىلغان؛ بۇ يىل، مەسلىھەت سوراش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋېتىپتۇ.

  «ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى كەڭ كۆلەملىك ئېتىزدا مەشغۇلات قىلىشقا ماس كېلىدۇ. ئىلگىرى خېرىدارلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈجۈپىلىشىش، ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئادەتتىكى پاختىكارلارمۇ يەرنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۆسۈملۈك ئاسراش مۇلازىمىتى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى» دېدى ئاقسۇ تيېمەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۆسۈملۈك ئاسراش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىنلۇڭ.

  جاڭ جىنلۇڭنىڭ كەينىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۆرگەزمە رايونىغا قەرز پۇل بېرىش لايىھەسى چاپلانغانىدى: دېھقانلار %20 پۇلنى ئالدىن تۆلەپلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېلىپ كېتەلەيدۇ. ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سېتىۋالغاندا يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، داجياڭ T30 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى مىسالغا ئالساق، ھەربىرىگە 55 مىڭ يۈەن كېتىدۇ، دېھقانلار 12 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، پەقەت 43 مىڭ يۈەنلا چىقارسا بولىدۇ.

  قاھار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا بىر پۇڭمۇ خەجلىمىدى. ئۇ ئەسلىدە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسى چاغراق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىدى، بۇلتۇر، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، قاھار قاتارلىق ياش نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە تۆۋەن باھادا ھۆددىگە بەردى.

  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن كېۋەزگە دورا پۈركۈگەندە، ھەر مو يەرگە ھەر قېتىمدا بەش يۈەن ئەتراپىدا مۇلازىمەت ھەققى بېرىلەتتى، بۇ، قاھارنى ناھايىتى ھاياجانغا سالدى.

  كۆپ يىل كېۋەز تېرىغان قاھار كېۋەز تېرىشتىن ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان جەرياندا، دورا پۈركۈشنىڭ بىرقەدەر ئۇزاق بولغان ئۆسۈملۈك ئاسراش جەريانى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى: يوپۇرماق ئوغۇتى پۈركۈش، دورا پۈركۈپ كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش دورىسى پۈركۈپ كېۋەزنىڭ زىيادە ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش...

  «پۈركۈگۈچ بىلەن دورا چاچقاندا، بىر ئادەم كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مودىن ئارتۇق يەرگە دورا چاچالايدۇ. تىراكتور بىلەن دورا چاچقاندا، كېۋەز مايسىلىرى ئاسانلا دەسسىلىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىلا سۇغىرىلغان يەرگە تىراكتور كىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دورا چېچىش ئىنتايىن جاپالىق» دېدى قاھار.

  قاھار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا كېۋەزگە دورا پۈركۈگەننى 2017 - يىلى 9 - ئايدا تۇنجى قېتىم ئاڭلىغانىدى. ئەينى چاغدا، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىككى كۈندە 400 مو يەردىكى كېۋەزگە يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسى پۈركۈگەنىدى.

  جاڭ جىنلۇڭنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەمدىلا ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندا، نۇرغۇن دېھقان بۇنىڭغا ئىشەنمىگەچكە، ئۇلار ھەقسىز دورا چېچىپ ئۈلگە كۆرسىتىپتۇ. بەزى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا دورا چېچىش ئۈنۈمىنىڭ ئادەم كۈچىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشى پۈركۈلىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، سېتىۋېلىش ئويى پەيدا بوپتۇ.

  2017 - يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئىشلىتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا پەقەت ئون كىلوگىرام دېھقانچىلىق دورىسى قاچىلىغىلى بولاتتى، يەر يۈزىدە ئىككى ئادەم قوشۇمچە مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ھازىر، شۇ جايدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا 30 كىلوگىرام دېھقانچىلىق دورىسى قاچىلىغىلى بولىدۇ، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىر كۈندە 1500 مو يەردە مەشغۇلات قىلالايدۇ.

  ئونسۇ ناھىيەسى شىنچۇن يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ چۇنتاڭ: پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، دەپ قارىدى. نۆۋەتتە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئالتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالدى.

  «ئاقسۇ ۋىلايىتى دۆلەت دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تارىم ئويمانلىقىنى بويلىغان ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۆسۈملۈك ئاسراش مۇلازىمىتى بازىرىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى غايەت زور بولۇپ، شىركىتىمىز ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بويىچە تەربىيەلەش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلدى، بۇ يىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن 700نى سېتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشتا مەسىلە يوق» دېدى جاڭ جىنلۇڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ