مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۇ چىقىرىش ئىقتىدارى يەتتە ھەسسە ئۆستى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى

2021.04.14 13:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەر سائەت 1لەردە، ئېغىرلىقى 13 توننا كېلىدىغان يۇقىرى قۇۋۋەتلىك سۇ تارتىش پومپىسى كان ۋاگونى رېلىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭمېي 5 - قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى فېڭيۈەن كۆمۈر كېنىدىكى سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبەرگەن نەق مەيداندىكى قۇدۇق ئاستىغا قوغداپ يەتكۈزۈلدى. سائەت 4تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، بىرقاتار تەڭشەپ تەقسىملەش، ئۆلچەپ سىناش ئارقىلىق، سۇ تارتىش پومپىسىدىن سۇ ئوڭۇشلۇق چىقتى. قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش نەق مەيدانىدا سۇ چىقىرىش ئىقتىدارى يەتتە ھەسسە ئۆستى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى.

  «كۆمۈركان گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى خەتەرنى تۈگىتىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى» دېدى جۇڭمېي 5 - قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى فېڭيۈەن كۆمۈركانىنىڭ باش ئىنژېنېرى جېڭ جيەن. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن يەتتە سائەتتىلا تۇنجى سۇ تارتىش پومپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تاماملىنىپ، سۇنى چىقىرىۋېتىش باشلاندى. سۇ تارتىش پومپىسىنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئۈسكۈنىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، 40 سائەت جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، جەمئىي يەتتە سۇ چىقىرىش پومپىسى ئىشقا سېلىنىپ، ئومۇمىي سۇ چىقىرىۋېتىش مىقدارى 1625 كۇب مېتىر سائەتكە يەتتى.

  جۇڭمېي 5 - قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى فېڭيۈەن كۆمۈركانىدا سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك بىرىنچى ۋاقىتتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق لايىھەسىنى قوزغاتتى، ئالاقىدار كۈچلەر بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتلىنىپ، تېزدىن يىغىلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئادەم قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلىدى. دۆلەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمى، يېتەكچىلىكىدە، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى سۇ تارتىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى پائال سېتىۋېلىپ ۋە يۆتكەپ توشۇپ، ھازىر بار بولغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككىلەمچى ئاپەت زىيىنى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنىپ، نەق مەيدان مۇھىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش دائىملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، زىيانلىق سۇيۇقلۇق، گازنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىپ، نەق مەيدان قاتتىق باشقۇرۇلۇپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  «بىز ئاساسىي قۇدۇق ئېغىزىغا سائىتىگە 100 كۇب مېتىر سۇ تارتىدىغان پومپىدىن بىرنى قۇراشتۇرىمىز، شامال قايتىدىغان يانتۇ قۇدۇققا سائىتىگە 200 كۇب مېتىر سۇ تارتىدىغان پومپىدىن بىرنى قۇراشتۇرىمىز، شۇ چاغدا ئومۇمىي سۇ چىقىرىۋېتىش مىقدارى 1925 كۇب مېتىر سائەتكە يېتىدۇ.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى باۋ يۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز سۇ چىقىپ كېتىش نۇقتىسىنى تېزدىن تېپىپ، تېخنىكا لايىھەسىنى تۈزۈپ، سۇ چىقىپ كەتكەن نۇقتىدا بۇرغىلاش، لاي قۇيۇش، سۇنى توسۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. يەر يۈزىدىن بۇرغىلاپ شېغىل، سېمونت، قاتۇرۇش دورىلىرىنى قۇيۇپ، سۇ چىقىپ كەتكەن نۇقتىدا بىر سۇ توسۇش تېمى شەكىللەندۈرۈپ، سۇ مىقدارىنى ئازايتىپ، سۇنى تېزدىن توسىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ