مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

2021.04.12 14:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىنىپ، ئېتىقاد نۇرى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولى يورۇتۇلدى.

  3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە 44 ئالىي مەكتەپنى قاپلاپ، جەمئىي 82 مەيدان لېكسىيە سۆزلەندى، بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىلار 142 مىڭ ئادەمگە يەتتى، تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 61 مەيدان ئۆتكۈزۈلدى.

  ھەربىر مەيدان لېكسىيە ھەم بىر قېتىملىق جانلىق نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بولدى، ھەم بىر قېتىملىق كۈچلۈك ئىدىيە سەپەرۋەرلىكى بولدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى چوڭقۇر تەربىيە ئالدى، ئىلھام ئالدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.

  ئۆگىنىش باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش

  لېكسىيە دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسى سىستېمىلىق ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

  لېكسىيە دوكلاتىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول بولۇپ، ھەم نەزەرىيەۋى يۈكسەكلىككە، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەر دائىرىسىگە، قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە، ئۇ بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەم ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلپىيە ئىسمايىل مۇنداق بىلدۈردى: لېكسىيە دوكلاتى ئەتراپلىق، چوڭقۇر بولۇپ، بىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمەن.

  «لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەمىزنىڭ ئىلغار سىياسىي خۇسۇسىيىتى، ئالىيجاناب سىياسىي غايىسى، يۈكسەك سىياسىي ئىنتىلىشى، ساپ سىياسىي پەزىلىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.» قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چېڭخۇي مۇنداق دېدى: قومۇل شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي تۈردە شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى»نى ياخشى ساقلايدۇ، ياخشى قۇرىدۇ.

  «بىز بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيۇ شۇخۇا مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىلىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى قوزغىتىش

  ئۆگىنىش جەريانىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قايناق ھېسسىياتى ئۇرغۇتۇلدى. قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جوۋ جۈن لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى «قارلىق تاغ» «ئوتلاق» ئالدىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي توختىماي ئالغا بېسىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا ئەمەلىي ئىشلەش روھى قوزغىتىلدى. لېكسىيە ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان لېكسىيە دوكلاتى بەردى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى چىغۋان مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لو شېڭيۈەن مۇنداق دېدى: «لېكسىيە دوكلاتىدىن قەلبىم ھاياجانغا تولدى، چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم. ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەھەللە خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپ ئويلىنىپ، خىزمەتتە تېخىمۇ نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن».

  ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى قوزغاپ، چوڭقۇر بولۇش، پۇختا بولۇشقا تۈرتكە بولۇش

  «لېكسىيە دوكلاتى ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، دائىملىق لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

  «بىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنىنى شەكىللەندۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياۋ شياۋجۈن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنى مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەشكە تەشكىللەيدۇ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن 1 - شۇجىلارنى دېھقان - چارۋىچى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى 2021 - يىللىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ھەربىر قاراردا چوقۇم ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ.

  پۈتۈن شىنجاڭدىكى 44 ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومدا، لېكسىيە دوكلاتى كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئۆگىنىش مۇھىم نۇقتىسى، نىشان - ۋەزىپىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئۆز ئۆگىنىشىمىزنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىشنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز.

  پارتىيە تارىخى ھېكايىسى ياخشى سۆزلىنىپ، چوڭقۇر بولۇش، پۇختا بولۇشقا تۈرتكە بولۇندى. تارباغاتاي ۋىلايىتىدە، لېكسىيە ئۆمىكى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە تارىخى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەسلىدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، لېكسىيە ئۆمىكى كۆكيار خاتىرە سارىيىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆكيار روھىنى بىرلىكتە ئۆگەندى؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، لېكسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى؛ قومۇل شەھىرىدە، لېكسىيە ئۆمىكى قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.

  ھەربىر قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش، ھەربىر قېتىملىق كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، ھەربىر قېتىملىق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما كوممۇنىزم غايىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركۈم - تۈركۈم ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلىگۈچىلىرى ئېتىز - ئېرىق باشلىرى، ئوتلاقتىكى كىگىز ئۆيلەر، زاۋۇت - كان سېخلىرى، مەكتەپ دەرسخانىلىرىدا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلماقتا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ