مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قىپقىزىل يالغانچىلىق

ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرى تاللىقبۇلۇڭ كەنتىدىكى پاختىكار ئاتاۋۇللا قۇربان

2021.04.07 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  مېنىڭ ئىسمىم ئاتاۋۇللا قۇربان، شايار ناھىيەسىدىكى بىر ئاددىي ئامما. يېقىندا، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىن پاختا مەھسۇلاتى ۋە خام ئەشيا-ماتېرىيال سېتىۋالمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دەپ ئىغۋا تارقاتتى، بۇ، قىپقىزىل يالغانچىلىق.

  ئائىلىمىزدە تۆت جان بار، ئىلگىرى ئائىلىمىز 7.5 مو كېۋەز تېرىيتتۇق، ئۆزىمىزنىڭ كېۋەزلىكىنى پەرۋىش قىلغاندىن باشقا، يەنە كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ كېۋىزىنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈشىگە، ئوتاق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئازراق پۇل تاپاتتۇق. 2020-يىلى، ئائىلىمىزنىڭ يەرلىرىنى كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، ھەر يىلى 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق. مەن ئايالىم بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېۋەزلىكىنى باشقۇرۇپ بېرىپ، ھەر يىلى 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن باشقۇرۇش ھەققى ئالدۇق. پاختا يىغىۋېلىنغاندا، بىز يەنە پاختا تېرىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇردۇق. بىزنى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى» دېگەنلەر نەدىن ئاڭلىدىكىن، پۈتۈنلەي جۆيلۈۋاتىدۇ. ئائىلىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، مەيلى كېۋەز تېرىش ياكى سىرتقا چىقىپ يەر باشقۇرۇش، پاختا تېرىش بولسۇن، مەن ۋە ئايالىم ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن قىلغان، ھېچكىم بىزنى مەجبۇرلىمىدى. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولدى، چۈنكى بىز ئەمگەكچان ئىككى قولىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئائىلىمىزدە تويغىچە يېيىشتىن ياخشى يېيىشكىچە، ئىسسىق كىيىنىشتىن چىرايلىق كىيىنىشكىچە، كېسەك ئۆيدىن ئەمىن ئۆيگىچە، تۇرمۇش سەۋىيەمىز كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، توڭلاتقۇ، سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزور، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، موتوسىكلىت قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق. ھازىر بىزنىڭ كەيپىياتىمىز بارغانسېرى ئازادىلىشىپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  بۇ بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولدى، بىز دېھقانلار ياخشى ھوسۇل ئالدۇق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. مەن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئۇلارنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكىنى، شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى كۆپرەك قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ